مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىڭىزنى ياراملىق بولسۇن دېسىڭىز، ئاۋۋال يان تېلېفوننى تاشلاڭ

2019.12.30 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىلارنى قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيەلەش بىلىم ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا «مېدىتسىنا گېزىتى»دە بۇ ھەقتە خۇلاسە چىقىرىلدى، كۆپچىلىك مۇۋاپىق ھالدا ئۆرنەك ئېلىشقا بولىدۇ.

  بىرىنچى، بالىڭىز بىلەن بىللە تاماق يەڭ. خارۋارد داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يەيدىغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى كەمسىتىش، تەشۋىشلىنىش خەۋپى ناھايىتى تۆۋەن بولىدىكەن. شۇڭا، ئادەتتە خىزمىتىڭىز قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا-ئانىلار چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىللە تاماق يېيىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، بالىڭىز بىلەن بىللە بولغاندا تېلېفونغا قارىۋالماڭ. ئەنگلىيە پسىخولوگىيە جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايقىشىچە، كۆچمە ئۈسكۈنە ئېكرانىغا كۆپ ۋاقىت قارىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن، بۇ، بەزى بىلىش ئىقتىدارى (مەسىلەن، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى، تىل ئىپادىلەش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى)دا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشتە ئىپادىلىنىدىكەن. بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە چەك قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئاتا- ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشتۇر.

  ئۈچىنچى، خىزمەتنى ئۆيگە ئېلىپ كەلمەڭ. ئاتا-ئانىلار تاماملانمىغان خىزمەتنى ئۆيگە ئېلىپ كەلمەيدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدىكەن ھەمدە ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  تۆتىنچى، بالىنىڭ كەسىپ تاللىشىغا ئارىلىشىۋالماڭ. ئامېرىكىدىكى بىر بازار تەتقىقات ئورگىنى 400 نەپەر ياش- ئۆسمۈرنى تەكشۈرگەندە، ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە جىددىي ئېھتىياجلىق خىزمەت ئورنىغا قىزىقمايدىغانلىقىنى، ئۇلار تەنھەرىكەتچى، مۇزىكانت ۋە لايىھەلىگۈچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن كەلگۈسىدىكى كەسپىنى ئەركىن تاللىشىغا يول قويۇشى، مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك. قانداقلا بولسۇن، ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا، تۇرمۇشتىكى بەخت تۇيغۇسى ئاشىدۇ.

  بەشىنچى، بالىلارغا ئۆي ئىشلىرىنى تەقسىم قىلىپ بېرىڭ. كىچىكىدىن باشلاپ ئۆي ئىشلىرىنى ئاكتىپ قىلىدىغان بالىلار ئەمگەكنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلالايدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، بالىلىق دەۋرىدە دائىم ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن كەسپىي تەرەققىياتى تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىكەن.

  ئالتىنچى، بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ. نيۇيورك داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرسە، بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغاندا تىل، ئوقۇش ۋە خەت تونۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن. بۇنداق بالىلار كېيىنكى ئوقۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۈچلۈك سۆزلۈك، ئىملا ۋە ماتېماتىكا ماھارىتىنى نامايەن قىلالايدىكەن.

  يەتتىنچى، بالىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا يول قويۇڭ. بالىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا يول قويۇش ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى ھاياتلىق دەرسلىكلىرىنىڭ بىرى. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش بالىلارغا ھەر خىل قىيىن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭدىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى قوبۇل قىلدۇرالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدۇ. بۇ يەنە بالىلارنى تېخىمۇ مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە قىلىپ، قۇرداشلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە قىلىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى خىرىسنى كۈتۈۋېلىشتىكى پىسخىك ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. مەغلۇبىيەت يەنە بالىلارنى ھەر قانداق نەتىجىگە سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلەندۈرەلەيدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئۆمۈر بويى ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ