شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى

2019.12.24 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-دېكابىر خەلق سارىيىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئابې شىنزونىڭ جۇڭگوغا 8-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى سىجىل ياخشىلاندى. بۇ يىل 6-ئايدا، مەن باش ۋەزىر ئەپەندى بىلەن ئوساكادا ئۇچرىشىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. نۆۋەتتە، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ