شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلىلىق دۆلەتلەر ئارا سودا ھەمكارلىقلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى كۆزدىن كەچۈردى

2019.12.20 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:19- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەننىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلىلىق دۆلەتلەر ئارا سودا ھەمكارلىقلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شى جىنپىڭ ئۇ ئۇنىۋېرسال گەۋدە ۋە مۇنبەر ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، سۇپا قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ۋە پورتۇگال تىلىلىق دۆلەتلەر مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلىلىق دۆلەتلەر ئارا سودا ھەمكارلىقلرى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلىلىق دۆلەتلەر ئارا سودا ھەمكارلىقلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇش بولسا، ئاۋمېننىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشىدىكى مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ