لى كېچياڭ سىچۈەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، تەرەققىيات كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2019.12.24 18:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا، ئۆلكە باشلىقى يىن لىنىڭ ھەمراھلىقىدا چېڭدۇدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ ئاممىۋى قاتناش ئالمىشىش مۇلازىمەت مەركىزى تۈر قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ، قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نەق مەيداندىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ قانچىلىك، ۋاقتىدا ئالالايدىغان-ئالالمايدىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ يەنە دېھقان ئىشلەمچىلەر تۇرمۇش رايونىغا بېرىپ تاماق ۋە ياتاق شارائىتىنى تەكشۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: دېھقان ئىشلەمچىلەر دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىكارى، ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشتىمۇ ئۇلارنىڭ قىلىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ مۇتلەق توغرا ئىش، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى سۆرەشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئۇ ھۆكۈمەت تۈرىنىڭ قەرزنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىپ، توختام بويىچە ئىجرا قىلمىغان، ئۇزاققىچە سۆرەپ قايتۇرمىغان مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ