شى جىنپىڭ لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى

2019.12.20 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ۋە قىسمەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېنىڭ پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە نامايان قىلغان جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې بېيجىڭغا بېرىپ خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگەندە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەركەز بۇنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ باش مەمۇرنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىنى بىرلىكتە ياخشى بېجىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لىن جېڭ يۆئې رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى باشلاپ توپىلاڭنى توختىتىش، قالايمىقانچىلىقنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ