مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2019.12.23 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى 20-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، 2020-يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش-يەتمەسلىكنىڭ ئاچقۇچى يۇرتداشلارغا باغلىق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى زور دەرىجىدە كېلەر يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە باغلىق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، تولۇق غەلىبە قىلمىساق ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش لازىم؛ تارماقلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ياخشى قوغداپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار› ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلاندى، يېزا ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، يېزا جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى. كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى يىلى، كېلەر يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى نىشانلاپ تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى قەتئىي تولۇقلاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ ئۈستۈنلۈك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ