مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2019.12.19 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىلھاملاندۇرۇلدى؛ 2019-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسى تەستىقلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ «دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىلھاملاندۇردى؛ 2019-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسىنى تەستىقلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئالدىنقى باسقۇچتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ناھىيە، رايونسىز شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون ۋە يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت، كوچا باشقارمىسى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىدە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي تەرتىپىنى قاپلىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئاممىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم ئاشكارىلاش كېرەك.

  بىرىنچى، مەمۇرىي قارار چىقىرىشقا ئامما قاتنىشىش دەرىجىسىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتى مەمۇرىي قارار چىقىرىشقا ئامما قاتنىشىدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى ۋە ئۇسۇلىنى بېكىتىشى ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك؛ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئىسپات ئاڭلاش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پىكىرنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك؛ سىياسەتنى يولغا قويۇش، تۈرنى ئالغا سىلجىتىشتا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ كەنت كومىتېتى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتى ئىدارە قىلىش دائىرىسىگە تەۋە ئىشلاردا، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ئۆزى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە قوللىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئۆز شارائىتىغا قاراپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرى 2020-يىلىدىن بۇرۇن شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئۆلچىمى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، تور ۋە تور سىرتىدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسى ۋە تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاش كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى بىرتۇتاش توردا ئىش بېجىرىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ