مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ بېيجىڭغا خىزمەت دوكلاتى بەرگىلى كەلگەن لىن جېڭيۆئې بىلەن كۆرۈشتى

2019.12.17 16:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش مەمۇر لىن جېڭ يۆئېنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت دوكلاتى بېرىشىگە ھەر قايسى تەرەپلەر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. شياڭگاڭدا نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەر ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا، پۈتۈن جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى كۆپ تەرەپلىك بولدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئاۋۋالقىدەكلا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىدۇ، باش مەمۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىشىڭىزنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. نۆۋەتتە شياڭگاڭ ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، نۇرغۇن كەسىپلەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. مىسلى كۆرۈلمىگەن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا سىز ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن قوغداپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كارخانىلارغا تىرەك بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە بىر قاتار قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان خىزمەتلەر، بۇ ئاسان ئەمەس. مەركىزىي ھۆكۈمەت سىز ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە شياڭگاڭ تېخى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلمىدى. ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى داۋاملىق تىرىشىپ، زوراۋانلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنى قانۇن بويىچە توختىتىپ، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.

  لىن جېڭيۆئې مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا شياڭگاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا كەسكىن ۋەزىيەت كۆرۈلدى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كارخانىلارغا ياردەم بەردى، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىقتىسادنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سودا، قاتناش مەركىزىي ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ. خەن جېڭ، شياۋ جيې كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ