مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.12.13 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېرلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 50 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېرلار: شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى خې ۋېيدۇڭ، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خې پىڭ، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جيەنۋۇ، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى لى چياۋمىڭ، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى جوۋ يانىڭ، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمنىڭ سىلىڭيۈەنى لى فېڭبياۋ، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شۆجۈن.

  شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن يەتتە ھەربىي ئوفىتسېر رەتلىك قىياپەتتە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى پاگونى تاقىغان يەتتە ھەربىي ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ