مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.12.13 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 10-دېكابىردىن 12-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2019-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2020-يىللىق ئىقتىساد خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. لى كېچياڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئىچكى- تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم قەدەم تاشلاپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سۈرئىتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ