خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ھەربىي قىسىم ئامانلىقى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ھەربىي قىسىم ئامانلىقى باشقۇرۇش نىزامى»دا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىشتىكى يېڭى دەۋردىكى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشنى نەزەردە تۇتۇش، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئامانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار تەكىتلەندى. بۇ، ھەربىي قىسىم ئامانلىقىنى باشقۇرۇش، ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئارمىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ