شى جىنپىڭ بېيجىڭدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئى بىلەن كۆرۈشتى

خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2019.12.17 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە، خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگىلى بېيجىڭغا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ يىل شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ۋەزىيەت ئەڭ كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولغان بىر يىل بولدى. تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە بېسىملار ئالدىدا، سىز «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدىڭىز. سىز يەنە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى يېتەكلەپ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇردىڭىز، بىر يۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدىڭىز، جەمئىيەتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدىڭىز ۋە ھەل قىلدىڭىز. مەركەز سىزنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئالاھىدە مەزگىلىدە كۆرسەتكەن جاسارىتىڭىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىڭىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ