مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىككى «پىكىر»نى چۈشەندۈردى

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2019.12.17 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشتا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىكتە «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر يۈرۈش كۈچلۈك «مۇشت» چىقاردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتى ۋە تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى دىڭ تيەنلې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تۈزەش نەتىجىسىدە، جېجياڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەكتەپلەرگە كىرىشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ھەربىر مەكتەپتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18.1 تۈردىن 4.8 تۈرگە ئازىيىپ، نەتىجىدە %73.5 ئازىيىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتى ۋە تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇردى.

  2019- يىلى بولسا، مەركەز بېكىتكەن «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»دۇر. مائارىپ سىستېمىسىدىن قارىغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇپ كېتىش ھەققىدىكى جامائەت پىكىرلىرى ئىزچىل تۈردە كىشىلەر بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېرىپ كېتىشى ئەسلىدە كۈندىلىك ئوقۇتۇشتىن باشقا يەنە مەلۇم دەرىجىدە مائارىپ ئوقۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز نۇرغۇن ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. مەسىلەن، ھەر خىل نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ تۈرى كۆپ ۋە قېتىم سانى يۇقىرى ئىدى؛ ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار، ستاتىستىكا قىلىش ئىشلىرى، ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ۋە تەكرار-تەكرار ئېلىپ بېرىلغان، بەزىلىرى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ بەزى جايلار ۋە تارماقلار بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش، ئىلغارلارنى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە،بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپىنى دائىم مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرىدۇ....

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رېن يوۋچۈن مۇنداق دېدى: بۇلار مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇش-ئوقۇتۇش تەرتىپىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. شۇڭا، بىز چوقۇم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرچى بولسا، بىلىممۇ بېرىش، تەربىيىمۇ بېرىشتەك ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئورۇنسىز كاشىلىلارنى ھەقىقىي ئازايتىش كېرەك.

  ئۇنداقتا، يۈك زادى قانداق يەڭگىللىتىلىدۇ؟ رېن يوۋچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆججەتتە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان نامۇۋاپىق يۈكتىن باشلاپ، يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچىسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى مەنبەدىن ئىزدەپ، ھۆججەت ۋە يىغىننى زور دەرىجىدە قىسقارتىش؛ ئىككىنچىسى، رايونلار ۋە شەھەر-يېزا مۇھىتىنى ھەمدە ئۆگىنىش باسقۇچى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى تولۇق ئويلىشىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن ساقلىنىش؛ ئۈچىنچىسى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قاتتىق ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپ باشقۇرۇش بىلەن ئوقۇش-ئوقۇتۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. تۆتىنچىسى، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىرىكمە كۈچلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىتىش كېرەك.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئىشلىرىغا قىلىنغان ۋاقىت سەرپىياتىنى ھازىرقى ئاساستا %50تىن كۆپرەك ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يۈكنى يېنىكلىتىش ھەرگىز يۈكى يوق بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك كەسپىي يۈكى نورمال ۋە مۇۋاپىق بولۇشى ھەمدە زۆرۈر يۈك بولۇشى كېرەك. رېن يوۋچۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆججەتتە دېيىلگەن "يېنىكلىتىش"بولسا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگە ئالماسلىققا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنىڭ، يەنى ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنىڭ ئازايتىلىشىدۇر.

  --نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئىشلىرىنى ئازايتىش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن باشقا تارماقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوبيېكت قىلغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئىشلىرىنى تەسىس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھەقىقەتەن قانات يايدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۈندىدار خىزمەت توپى ياكى ھۆكۈمەت APP سى قاتارلىقلارغا خىزمەت كۆرۈنۈشلىرىنى كېسىپ چاپلاپ يوللاپ قويۇش ياكى سىن ھۆججەتلىرى تەييارلىۋېلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خىزمەت قىلىشتەك مەۋھۈم ئۇسۇلنى ھەرگىزمۇ باھالاش ئىشىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، خىزمەتنى ئەمدىلا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئارقىدىنلا تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتىن خۇلاسە چىقىرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.

  --ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى ئازايتىش كېرەك. شەھەرلەردە ئىلغارلارنى باھالاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، پىرىنسىپ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى يوللارغا چىقىپ مەجبۇرىيەت ئادا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ تەربىيە-تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مۇۋاپىق سىڭدۈرۈشكە بولىدۇ، تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  -- مەلۇمات جەدۋىلىنى تولدۇرۇش خىزمىتىنى ئازايتىش كېرەك. دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىدىن باشقا تارماقلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا چېتىلىدىغان مائارىپ ستاتىستىكا خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندا، تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قىلىش كېرەك.

  --ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئارىلاپ ئىشلىتىش ئىشىنى ئازايتىش كېرەك. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشىغا توغرا كەلگەندە، مەكتەپنىڭ نورمال مائارىپ ئوقۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك، ھەمدە ئارىلاپ ئىشلىتىش مۇددىتى پىرىنسىپ جەھەتتە يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ