مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2019.12.16 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12- ئاينىڭ 14- كۈنى بورىس جونسونغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زوردۇر. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوخشاشلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ