مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 44-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2019.12.17 16:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 44 - سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–سانلىق يىغىنىنى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 -سانلىق يىغىنىدا ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ھەر قايسى تارماق لايىھەلىرى، ئاكسىيە قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، ئاساسىي داۋالىنىش-سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى، ئورمان قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، مەھەللىدە تۈزەش قانۇنى لايىھەسى، قاتتىق جىسىملىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت-بايلىق كومىتېتىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇن لايھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قوغداش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ، شەھەر قوغداش قۇرۇلۇشى باج قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ، يەر خېتى بېجى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قاراپ چىقىش.

  يىغىندا تەكلىپ بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ 2018-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە قانۇنى، بېلىقچىلىق قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىش.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېتنىڭ 15-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ