ئېلىمىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئاۋىياماتكىسى دېڭىز ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلدى

شى جىنپىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2019.12.18 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئاۋىياماتكىسى __"شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسى" 17- چېسلا چۈشتىن كېيىن خەينەن سەنيادىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا دېڭىز ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  نەنخەي دېڭىزى بويىدىكى سەنيادا سۇ بىلەن ئۇپۇق تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىللىق شامال چىقىپ تۇرىدۇ. ھەربىي پورت ئىچىدە، شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ، بايراقلار ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، دېڭىز ئارمىيە قىسمى ۋە ئاۋىئاماتكا قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئورۇنلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللىرى بولۇپ تەخمىنەن 5000 چە كىشى پىرىستاندا رەتلىك تىزىلىپ، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن ئىدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى، نام بېرىش گۇۋاھنامىسىنى قوغداپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى ۋە نام بېرىش گۇۋاھنامىسىنى شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسىنىڭ باشلىقى، سىياسىي كومىسسارىغا ئايرىم-ئايرىم بەردى. شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسىنىڭ باشلىقى، سىياسىي كومىسسار شى جىنپىڭغا سالام بەردى، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن «1- ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقى ۋە نام بېرىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شېئىر ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسىغا چىقىپ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانلىرى ئېلىپ يۈرىدىغان ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ھەيدەش بۆلمىسىگە كىرىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاۋىياماتكا كۈندىلىك خاتىرىسىگە تەنتەنىلىك ئىمزا قويدى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ