مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دېدى

2019.12.19 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 17-دېكابىر تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى «ئورگانىك ھاياتلىق گەۋدىسى» قىلىپ بىر تۇتاش ئويلىشىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، شەھەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا، بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا قوشقان مۇھىم تۆھپە. ئۆي دېگەن تۇرىدىغان جاي، پۇل تاپىدىغان ۋاسىتە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەش لازىم. ئۆي-زېمىننى قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا بولمايدۇ. شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياش ئاممىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ