شى جىنپىڭ سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى

2019.12.19 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18- چېسلا چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ سۈي شىئەنگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرلۇق ئورنىدا جان كۆيدۈرۈپ، ئىجتىھات بىلەن 10 يىل خىزمەت قىلدىڭىز. سىزنىڭ يېتەكچىلىكىڭىزدە، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىش بېجىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى پۇختا يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، مەيلى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭدەك ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلاردا بولسۇن، نۇرغۇن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. مەركىزىي ھۆكۈمەت سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت ۋە ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پائال قوللاپ، «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» ئەمەلىيىتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ