شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2019.12.20 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19- چېسلا كەچتە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆتكۈزگەن كۈتۈۋېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىل ئاۋمېن تارىخىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ زور بولغان مەزگىل بولدى، شۇنداقلا ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە شان-شەرەپلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەزگىل بولدى. ئاۋمېننىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى، بۇلار «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ، ئۇنى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە كەلگەنلىكى ۋە ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

  ئاۋمېندىكى شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ زىياپەت زالىنى قىزغىن خۇشاللىق كەيپىياتى قاپلىغان ئىدى. سائەت 18لەردە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى خو خۇيفېننىڭ ھەمراھلىقىدا زالغا قەدەم قويدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قىزغىن ئالقىشلارنى ياڭرىتىشىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن بارلىق ئاۋمېن ئاھالىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاۋمېنغا كېلىپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلانغانلىقىنى، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش قىياپىتىنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولغانلىقىنى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنىڭ مەزمۇت ۋە كۈچلۈك بولىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ