ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھەمدە ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن

شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا يېتىپ باردى

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى

2019.12.19 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئاۋمېنغا يېتىپ باردى، ئۇ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

  سائەت 16لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئاۋمېن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئاستا-ئاستا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بۆلۈمچىدىن چىقىپ، قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئاممىغا قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئاۋمېن ساقچى ئوركېستىرى قارشى ئېلىشنىڭ شادىيانە مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، نەق مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا، ئىككى نەپەر ئاۋمېنلىق ئۆسمۈر بالا شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى خو خۇيفېننىڭ ھەمراھلىقىدا، كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن كىشىلەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. نەچچە يۈز ئاۋمېنلىق ياش-ئۆسمۈر ۋە ھەر ساھە ئاممىسى ۋەكىللىرى قوللىرىدا دۆلەت بايرىقى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ رايون بايرىقى ۋە گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋمېن سەپىرى بولسا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، 100دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىر ئايرودرومغا بېرىپ ساقلىدى. شى جىنپىڭ زىيارەت رايونىغا بېرىپ نەق مەيداندىكى مۇخبىرلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھازىر يەنە بىر قېتىم گۈزەل ئاۋمېنغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ يىل بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. بۇ يىل ھەم ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى، بۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر چوڭ ئىش. مەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە گۈزەل تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ