شى جىنپىڭ ئاۋمېن ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يىڭسەي (تالانتلار) مەكتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى

2019.12.20 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاۋمېننىڭ خېيشاخۇەندىكى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ۋە فۇجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى قارمىقىدىكى يىڭسەي (تالانتلار) مەكتىپىگە كېلىپ، ئاۋمېن شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

  خېيشاخۇەن ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى بولسا، 2009- يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، نۆۋەتتە 26 ھۆكۈمەت تارمىقىنىڭ 335 تۈرلۈك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شى جىنپىڭ مۇلازىمەت بىناسىغا كېلىپ كۆزىتىپ، زالدىكى كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا، مەمۇرىي مۇلازىمەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنى «بىر جايدا» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى. سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت رايونىدا، شى جىنپىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە كەسىپ بېجىرىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى. سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئۆزىگە-ئۆزى خىزمەت قىلىپ بېرجىرىش 24 سائەتلىك مۇلازىمەت رايونىدا، شى جىنپىڭ پاسپورت ئىشلىرى قاتارلىقلارنى بېجىرىشتە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ