مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل ئاز دېگەندە سەككىز نەپەر «70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» كادىر مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئۆستۈرۈلدى

مەركەزنىڭ ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە نەزەر

2019.12.20 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭشىن گۇرۇھىنىڭ «70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ جىچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

  بۇ خۇاڭ جىچياڭنىڭ بۇ يىل بېشىدىن كەچۈرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە تەڭشەش ئىدى. خۇاڭ جىچياڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگو بانكىسى جېجياڭ شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، لياۋنىڭ شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، بۇ يىل 7- ئايدا جۇڭشىن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىمقى مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى يۆتكەپ تەڭشەش ئىشى 1970- يىلى تۇغۇلغان خۇاڭ جىچياڭنى بۇ يىل مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك «70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» 8- كادىرغا ئايلاندۇردى.

  يۇقىرىدا دېيىلگەن سەككىز نەپەر كادىر ئىچىدە، پۇ يۈفېينىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىك خەۋىرى 12- ئايدا ئېلان قىلىندى. پۇ يۈفېي قانۇنشۇناسلىق دوكتورى، ئالىي ئىقتىسادچى ئىدى، 2016- يىلى 11- ئايدا دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىم تەقسىماتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان پۇ يۈفېي ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە سىستېمىسىغا كىرىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 9- تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 4- تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش- رېۋىزىيە كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 3- نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ يىل 11- ئايدا، پۇ يۈفېي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

  پۇ يۈفېيدىن باشقا، بۇ يىل مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن «70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش كەچۈرمىشى ئوخشاش ئەمەس.

  فېڭ جوڭخۇا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن كەلگەن. فېڭ جۇڭخۇا ئىلگىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدا كۆپ يىل خىزمەت قىلىپ، خەينەنگە بېرىشتىن ئىلگىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. فېڭ جۇڭخۇانىڭ خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئىش تەقسىماتىمۇ ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش كەچۈرمىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنى تەبىئىي بايلىق، پىلانلاش، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ۋە ئورمانچىلىق جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل.

  جاڭ لىلىن، گې خەيجياۋ ۋە خۇاڭ جىچياڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدىن كەلگەن. بۇ يىل، ئۇزاق مۇددەت پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان نۇرغۇن كادىر ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىگە يۆتكەلدى، ئۇلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئىش تەقسىماتىمۇ پۇل مۇئامىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تاراتقۇلار تەرىپىدىن «پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى» دەپ ئاتالدى، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان جاڭ لىلىن ۋە گې خەيجياۋلارمۇ بۇ قاتارغا تىزىلغان- - لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ لىلىن پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۆلكىلىك يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىقلارنى بۆلۈپ باشقۇرىدۇ؛ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گې خەيجياۋ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۆلكىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىقلارنى بۆلۈپ باشقۇرىدۇ.

  تەن ۋېيجۇڭ مەركەز كارخانىسىدىن كەلگەن. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تەن ۋېيجۇڭ ئىلگىرى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان، 2017- يىلى جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، تاكى بۇ يىل 3- ئايغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  شۈ داتۇڭ، ليەن ماۋجۈن يەرلىكتىن كەلگەن. شۈ داتۇڭ ئىلگىرى تيەنجىندە ئۇزۇن مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن، ليەن ماۋجۈن ئىلگىرى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ئۇزۇن مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن، بۇ يىل ئۆلكە ھالقىپ مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر بولغانلىقى ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ ۋەزىپە ئۆتىشى ئىدى.

  بۇ يىل ئۆستۈرۈلگەن 8 نەپەر كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن ئاز دېگەندە 20سى بار.

  بۇ، « 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» ياش كادىرلارنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ئورنىغا چىققانلىقىنى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەشكىلات-كادىرلار خىزمىتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «2019- 2023- يىللىق مەملىكەتلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان پىروگراممىسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «يىرىك پىلان پىروگراممىسى»دا ياش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلار ۋە ياشلار بىرلەشتۈرۈلگەن پەلەمپەيسىمان سەپلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە مەھكىمە، ئىدارىلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەسىس قىلىش، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ياش كادىرلار سەپلەشتە ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشتىن ئىبارەت تولۇق زەنجىر مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش بىر چوڭ ئىشتۇر، ئۇ پارتىيىنىڭ تەقدىرى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك يۈز يىللىق ئۇلۇغ ئىشتۇر. «خەلق گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كادىرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلما مەسىلىسىگە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ، ياش قۇرۇلمىسى جەھەتتە پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلار ۋە ياشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر قايسى ياشتىكى كادىرلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ياش كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى، نىشان-ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ