ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ كۆرۈشكە قاتناشتى

2019.12.20 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 19- چېسلا كەچتە ئاۋمېندىكى شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ كېچىلىك ئويۇنلارنى كۆردى.

  ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان، مەيدان خۇشاللىققا تولغان ئىدى. سەھنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، نۇر بىلەن تەسۋىرلەنگەن غايەت زور نېلۇپەر مەنزىرىسى پورەكلەپ ئېچىلغان. سائەت 20لەردە، شادىيانە مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى خو خۇيفېننىڭ ھەمراھلىقىدا كېچىلىك ئويۇن نەق مەيدانىغا قەدەم قويدى. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قىزغىن ئالقىشلارنى ياڭرىتىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېتىپ كېلىشىنى قارشى ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ