شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن بىلەن كۆرۈشتى

2019.12.24 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-دېكابىر خەلق سارىيىدا كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مون جىئىننىڭ 8-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە ئاسىيا، ھەتتا دۇنيادا تەسىرى بار مۇھىم دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپلىك مەسلىكى ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئىزچىل زىچ ھەمكارلىشىدىغان دوست ۋە ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى. ئۆتكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىش چوڭ يۆنىلىشىنى ساقلاپ كەلدى. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو-كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ