خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى 23-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 168 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى تۈزۈش خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، 2019-يىلى 12-ئايغىچە، 2017-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى دائىمىي كومىتېت قاراپ چىققان ۋە تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنىڭ ھەرقايسى تارماق لايىھەلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇكەممەل بولغان ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى لايىھەسى قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە نەرسە ھوقۇقى قىسمى، توختام قىسمى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى قىسمى، توي-ئائىلە قىسمى، ۋارىسلىق قىلىش قىسمى، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قىسمىدىن ئىبارەت ئالتە تارماق قىسىم لايىھەسىنىڭ ھەممىسى 2-قېتىم قاراپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى قىسمى، توي-ئائىلە قىسمى، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق لايىھەنى 3-قېتىم قاراپ چىقىش تاماملاندى. ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ھەرقايسى تارماق لايىھەلىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ 2-ياكى 3-قېتىم قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جامائەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شېن چۈنياۋنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ھەرقايسى تارماق لايىھەلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى ۋە ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىپ، لايىھەنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ