مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ: پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، جاۋ لېجى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2020.01.03 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىدىكى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قايتىدىن جاسارەت بىلەن ئىشلەپ يېڭى تۆھپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۇختا ۋە ئەستايىدىل ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىش، مالىيە-ئىقتىساد تەرتىپىنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ئىقتىسادىي تەپتىش-پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋر ۋە يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ لېجى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى بېيجىڭدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ