مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى توغرىسىدا

شى جىنپىڭ بىلەن ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مورېنو ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2020.01.03 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مورېنو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتورنىڭ دوستلۇق ئاساسى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ۋە تەڭ تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 2016- يىلى 11-ئايدا، مەن ئېكۋاتوردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2018- يىلى 12- ئايدا، زۇڭتۇڭ مورېنو جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-ئېكۋاتور مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. مەن جۇڭگو-ئېكۋاتور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مورېنو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو-ئېكۋاتور مۇناسىۋىتىدە يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ