مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.01.02 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال-خۇرام جەم بولۇشۇپ، 2020- يىللىق يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھارماي-تالماي ئىزدىنىشتەك گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەن. ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىزدىنىش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز. بۇ، تىز پۈكمەي، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشنىڭ سەپەرۋەرلىكىدۇر. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسىلا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولسىلا، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ