لى كېچياڭ لائۇس زۇڭلىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020.01.07 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن لائۇس زۇڭلىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-لائۇس تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوستانە، قوشنا دۆلەت. جۇڭگو جۇڭگو-لائۇس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائۇس تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائۇس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ