مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن بىلەن كۆرۈشتى.
لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بوڭناڭنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇشتەك «تۆت ياخشى» روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى لائوس پارلامېنتى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانۇن كاپالىتى ۋە سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
تۇڭلۇن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ دېدى. لائوسنىڭ جۇڭگو بىلەن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خاۋ مىڭجىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇڭلۇن تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ