شى جىنپىڭ لائوس زۇڭلىسى تۇڭلۇن بىلەن كۆرۈشتى

2020.01.07 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا لائوس زۇڭلىسى تۇڭلۇن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ تۇڭلۇڭ ئارقىلىق باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بۇڭناڭغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لائوس ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ، شۇنداقلا تەقدىرداش بىر ئورتاق گەۋدىدۇر. كومپارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىزنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىكىمىز، ئىككى تەرەپ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو لائوسنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ