خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلەت قۇرۇشتا، بىر تەرەپتىن، قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجادىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت سۈيىنى باشتىن-ئاخىر قانۇن ئىدارە قىلىش توسمىسىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم بولىدۇ. قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ھېچبىرى كەم بولسا بولمايدۇ، يەنى بىرتەرەپكىلا ئەھمىيەت بېرىشكە بولمايدۇ.
«شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى دەل مەدەنىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم خىزمەتتۇر. يامان ئادەم، يامان ئىشلارغا زەربە بەرگەندىلا، ئاندىن ياخشى ئادەمنى ماختىغىلى بولىدۇ. مەدەنىيەت ئەخلەتلىرىنى داۋاملىق تازىلاپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەندىلا، ئاندىن ساغلام ۋە تەرتىپلىك مەدەنىيەت بازىرىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ نەشر ھوقۇقى كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، گۈللەپ ياشنىغان مەدەنىيەت كەسپىنى ۋە مىليونلىغان ئىش ئورنىنى ياراتتى. ھازىر ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى يەنىلا ئېشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلمەكتە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باشقۇرۇشمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدۇر. «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى ئامما ئۈچۈن بۇ گۈللەنگەن مەدەنىيەت بوشلۇقىنى داۋاملىق قوغدايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ