مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىكى نېسى قالدۇرغان ھېساباتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى؛ چاغان مەزگىلىدە بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2020.01.09 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىكى نېسى قالدۇرغان ھېساباتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى؛ چاغان مەزگىلىدە بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇل-ھېساباتىنى ئېنىقلاش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، بازار ئىگىلىكى تەرتىپى، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە بازار مۆلچەرىگە مۇناسىۋەتلىك، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەرز پۇلنى نېسى قالدۇرۇش مەلۇم دەرىجىدە ئىش ھەققىگە، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىشقا خېلى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، چاغاندىن بۇرۇنقى قەرزلەرنى مەركەزلىك تۈگىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ھەم نېسى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. بىر يىلدىن بۇيان جايلار، تارماقلار قەرز تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەت بويىچە ئېنىقلاپ چىقىلغان ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى نېسى قالدۇرغان پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ 890 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن پۇلىنىڭ تەخمىنەن %75ى 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆلەمگە ئېرىشىپ، ئەسلىدە بېكىتىلگەن شۇ يىلىدىكى تۆلەمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۈزۈش نىشانىدىن ئېشىپ كەتتى. مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىختىلاپ يوق نېسى پۇلنىڭ تولۇق تۈگىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىختىلاپ بارلارنىمۇ مۇرەسسە قىلىش، كېڭىشىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق تېز ھەل قىلىش، يېڭى نېسى قالدۇرۇشقا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ