مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چۈەنجيەن شىركىتىنىڭ دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، قالايمىقانچىلىقنى يەنىلا تۈپتىن تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ

2020.01.10 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- چېسلا، چۈەنجيەن شىركىتىنىڭ دېلوسىغا تيەنجىن شەھىرىدە قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن تەبىئىي تېببىي پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇ شىركەتتىكى جاۋابكار شۇ يۈخۇي قاتارلىق 12 كىشى شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، قانۇن بويىچە جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن شىركىتىگە خەلق پۇلى ھېسابىدا 100 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، جاۋابكار شۇ يۈخۇيغا مۇددەتلىك توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ھەمدە 50 مىليون يۈەن ئىشتىراف قويۇشقا ھۆكۈم چىقىرىلدى.

  چۈەنجيەن ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر قاتار چاقماقتەك ھەرىكەتلىرى ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. بۇ دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىققا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

  «ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان مەخپىي رېتسېپ»دىن «جۇڭگو بىلەن غەرب تېخنىكىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى»گىچە، «يېشىل تەبىئىيلىك»دىن «ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم-پەن»گىچە، بىر قىسىم ناچار سودىگەرلەر ھەمىشە ساختا تەشۋىقات ۋە ئىستېمال ئالدامچىلىقلىرى ئارقىلىق تېببىي ساۋاتى كەمچىل بولغان ياكى كېسەل بولۇپ قالايمىقان داۋالانغانلارنىڭ كاللىسىنى ئازدۇردى؛ كۆرۈنۈشكە بىۋاستە سېتىشتەك تۇرغان بىلەن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن «ئادەم تارتىش»تەك شاخلىتىپ سېتىشتەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان؛ ساغلاملىق بۇيۇملىرى بازىرىدىكى بۇ خىل قالايمىقانچىلىقلار ھازىرغىچە داۋاملاشقان.

  ساختا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار، بىمارلار، تۆۋەن كىرىملىكلەر دېگەندەك ئىجتىمائىي توپلارغا مەركەزلەشكەن. بەزى جايلاردا، ھەتتا «ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىر-بىرىنى ئالداش»تەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

  ئېھتىياجنى تەھلىل قىلىش، باشقىلارنىڭ قىلتاققا چۈشۈشىگە قاراش، دەل جايىدا ئالدامچىلىق قىلىش . . . دېمەك، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ كىرمەيدىغان تۆشۈكى قالمىغان. ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى توغرا تېپىپ، پايدىنى تىجارەتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىپ، قانۇنسىز تاپاۋەتكە بېرىلىپلا كەتكەنكى، ئۇلار باشقىلارغىمۇ ھەمدە ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلمەي قالغان.

  بۇنىڭ نېگىزى شۇكى، ئۇلار ئىجازەت ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىۋالغان، شۇنداقلا قىسمەن جايلار يەنە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەما» بولۇۋالغان.

  مەھسۇلات قانداق تەستىقلىنىدۇ؟ تەستىقلاش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئىشلەپچىقىرىش جەريانى قېلىپلاشقانمۇ؟ سېتىش ئۇسۇلى بەلگىلىمىگە خىلاپمۇ؟ ئىستېمالچىلار ئىشلىتىش كۈچكە ئىگىمۇ؟ ئەرز قىلىش يوللىرى راۋانمۇ؟

  ئىللەتلەر ئالدىدا، ھەم كەسكىن بولۇش، ھەم كەشتە تىكىشتىكى سەۋرچانلىقمۇ بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەنپەئەت زەنجىرىنى بۇزۇپ تاشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىك ساغلاملىقىنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك، بولۇپمۇ، ئالدام خالتىغا چۈشۈپ قېلىپمۇ يەنىلا راست دەپ قارايدىغان ئاممىنى ئىلمىي مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يېتەكلەش كېرەك.

  ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم ۋە ئەڭ قاتتىق نازارەت بىلەن باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازالاش ۋە ئەڭ قاتتىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش»تەك ئېغىر زەربە ئاستىدا، بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى، لېكىن، يەنە مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  مەيلى چۈەنجيەن شىركىتى بولسۇن، مەيلى باشقا ناچار زاۋۇت سودىگەرلىرى بولسۇن، "ساقلىقنى ساقلاش" دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كىشىلەر قەلبىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىشقا بېرىلىپ، ساختا تەشۋىقات ۋە ناچار مەھسۇلاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ «سودا سارىيى»نىلا گۈللەندۈرسە، ئۇنداق ساراينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا نازارەت ئورنى كەم بولسا بولمايدۇ، ئالاقىدار تارماقلارمۇ ھەرگىز بىر قامچىلاپ قويۇپ ئاندىن بىر قەدەم ماڭماسلىقى كېرەك. قالايمىقانچىلىقنى تازىلاشنى ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت قىلىپ، قالايمىقانچىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش ئاساسىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قارا نىيەت زاۋۇتلارنى چوقۇم تۇرغۇدەك جايى ۋە تايانغۇدەك يېرى يوق قىلىۋېتىش بولسا، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى مەنبەدىن ھەقىقىي تۈردە كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى زۆرۈر تاللاشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ