خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-يانۋار ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تېھراندا چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تېھراندا چۈشۈپ كېتىپ، بارلىق يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ