مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىڭ

تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئون چوڭ سۆزلەر ئېلان قىلىندى

2020.01.10 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «سىز سېتىۋالغان تاۋارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بار ئىكەن، پۇلىڭىز قايتۇرۇلۇپ، ئىككى ھەسسە تۆلەم بېرىلىدۇ». ئەگەر ئۆزىنى تاۋباۋ، جىڭدۇڭنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى دەپ ئاتىۋالغانلاردىن كەلگەن بۇ خىل تېلېفوننى قوبۇل قىلسىڭىز، ئېھتىيات قىلىڭ!

  1-ئاينىڭ 8-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ 2019- يىللىق تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئون چوڭ سۆز تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ساختا مال سېتىۋېلىش مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ پۇلنى قايتۇرۇش ئالدامچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا توققۇز چوڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر تۆۋەندىكىچە:

  ئۇزاققا سوزۇپ ئالداشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر: «مەن قىمار (مالىيە باشقۇرۇش) ئارقا سۇپىسىنى باشقۇرالايمەن، ماڭا ئەگەشسىڭىزلا پۇل تاپالايسىز»؛

  زاكاز چۈشۈرۈپ پۇل تېپىش ئالدامچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر: «قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ كۈنىگە 500 يۈەن تاپالايسىز»؛

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىشتىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر: «سىز XX جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىندىڭىز، مەبلەغنى تېزدىن بىخەتەرلىك ئىسچوتىغا يۆتكەپ، مەبلەغ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭ»؛

  قەرز پۇل ئالدامچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر: «رەسمىيەت ھەققى، تەننەرخ ھەققى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى، مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك»؛

  تور سودا شەھەرچىسى مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئەزا ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش نامىدا ئالدامچىلىق قىلىشتىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر: «دەرىجىڭىز ئۆسۈپ تور سودا شەھەرچىمىزنىڭ ئالىي VIP ئەزاسى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، ھەر يىلى 7200 يۈەن ئەزالىق ھەققى تۆلەيسىز»؛

  پاي چېكى تونۇشتۇرۇش ئالدامچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر: «پاي چېكىنى تەۋسىيە قىلىمەن، مۇقىم پايدا ئېلىپ زىيان تارتمايسىز»؛

  تېلېفوندا تونۇشلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىشتىكى دائىم ئىشلىتىلىرىغان سۆزلەر: «مەن XXX (دىرېكتور، غوجايىن، رەھبەر)، بىردەمدىن كېيىن ئىشخانامغا بىر كېلىپ كېتىڭ» ۋە «مەن XX مۇئەللىم، بالىڭىز تەكرار سىنىپىغا تىزىملىتىشى كېرەك، سانى چەكلىك، تېزدىن تىزىمغا ئالدۇرۇڭ»، دېگەن ئىككى جۈملە سۆز؛

  شىركەتنىڭ رەھبىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مالىيە خادىملىرىنى ئالداشتا دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەر: «سىز XX شىركىتىدىكى X باش دىرېكتور بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ، ئۇنىڭغا پۇل يۆتكىشىمىز كېرەك».

  جېڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كۈييې مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېلېگراف تور تېخنىكىسى ۋە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلولىرى كۆپ يۈز بەردى. 2019-يىلى جېڭجۇ شەھىرى بۇ خىلدىكى دېلودىن جەمئىي 13 مىڭدىن ئارتۇق تۇرغۇزدى، بۇ بارلىق جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىدى، دېلوغا چېتىشلىق سومما نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە يەتتى. لى كۈييې كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ناتونۇش تېلېفوننى ئالماسلىق، ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشنى ئاچماسلىق، مۇكاپات چىقىش ئۇچۇرىغا ئىشەنمەسلىك، باشقىلارغا پۇل بەرمەسلىكنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ