مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىرما تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

مىڭ يىللىق قېرىنداشلار دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يازايلى

2020.01.17 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1 - ئاينىڭ 16-كۈنى، بىرما فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرمىنىڭ «بىرما نۇرى»، «ئەينەك گېزىتى»، «بىرما يەر شارى يېڭى نۇر گېزىتى»دە بىرلا ۋاقىتتا «مىڭ يىللىق قېرىنداشلار دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يازايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  مىڭ يىللىق قېرىنداشلار دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يازايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  زۇڭتۇڭ ۋېن مىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو-بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. 2009-يىلى مەن بۇ گۈزەل زېمىننى زىيارەت قىلغان. بىرمىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، رەڭدار مەدەنىيىتى، ئەمگەكچان، ساددا خەلقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق بىرمىدىكى دوستلار بىلەن «قېرىنداشلارچە دوستلۇق» توغرىسىدا، ھەمكارلىق پىلانى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قوشنا ياشاپ كەلگەن. «باۋبو» دېگەن سۆز بىرما تىلىدا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقى قەدىمدىن تارتىپلا ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن «قېرىنداشلار»چە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردىلا ئەجدادلىرىمىز سىچۈەن، يۈننەن، بىرما، ھىندىستاننى كېسىپ ئۆتىدىغان «ئالتۇن-كۈمۈش يولى»نى ئېچىپ، سودا ئالاقىسى قىلغان. جۇڭگونىڭ گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىرما پيۇ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئۇسسۇلچى-سازچى ئەترىتىنى باشلاپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، چاڭئەننى زىيارەت قىلغان. داڭلىق شائىر بەي جۈيى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «پيۇ دۆلىتى مۇزىكىسى»نى يېزىپ چىققان. بىرما ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان. ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. جۇ ئېنلەي زۇڭلى بىرمىنى توققۇز قېتىم زىيارەت قىلدى، ئۇ بىرما مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، بىرما خەلقى بىلەن بىرلىكتە سۇ چېچىش بايرىمىنى تەبرىكلىگەن كۆرۈنۈش ھازىرغىچە قىزىق پاراڭ بولۇپ كەلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ