مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.01.17 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 16- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-ۋېيتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو-ۋېيتنام ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. مەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرامنى كۈتىۋېلىش ھارپىسىدا باش شۇجى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. جۇڭگو-ۋېيتنام مۇناسىۋىتى پائال ياخشى تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئۆز رايونىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ