مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»كە يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق لازىم

2020.01.15 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  مىڭ گەز كېلىدىغان توسما چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى بىلەن بۇزۇلىدۇ؛ يۈز چى كېلىدىغان ئىمارەت كىچىككىنە ئىس- تۈتەك بىلەن كۈلگە ئايلىنىدۇ. «مىكرو چىرىكلىك» ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ، قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى خورىتىدۇ.

  «مىكرو چىرىكلىك»نى تۈگىتىش-تۈگىتەلمەسلىك − ئاساسىي قاتلام سىياسىي ئېكولوگىيەسى ئىستىلىنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتىنىڭ توغرا بولۇشىغا، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش-قوغداشقا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ كۆپىنچىسى «چىۋىن شەكىللىك» چىرىكلىك بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسى يۇقىرى ئەمەس، دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى كۆپ ئەمەس، بەزىدە پەقەتلا بىر-ئىككى تال تاماكىنى قوبۇل قىلىپ، بىر-ئىككى ۋاخ تاماق يەپ، بىر-ئىككى مىڭ يۈەن خىيانەت قىلغان بولىدۇ، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ئاشلىق ياردەم پۇلى تارقىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغىنى تەقسىملەش، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق بىر قاتار ئامما كۆرۈپ، كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن ئىشلارغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئامما تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ، قارشىلىق كەيپىيات تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. «چىۋىنلار كۆپىيىپ»، «چىۋىنلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى يامراپ كەتسە» خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» توسۇلۇپ قالىدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  جازالاش تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»كە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىقنى نىشان قىلىدۇ. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇھىمى ئەستايىدىل بولۇپ، قاتتىق قول بولۇش كېرەك:

  ئىدىيە جەھەتتە ئەستايىدىل بولۇپ، قاتتىق قول بولۇش كېرەك، «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ كۆپىنچىسى ئاساسىي قاتلامدا يۈز بەرگەن، نۇرغۇن كادىرلار «ئالغىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئازراقلا پۇل، بۇزغىنىمىز ئۇششاق- چۈششەك قائىدىلەر، ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دەپ ئويلايدۇ. لېكىن بۇ كىچىككىنە ھوقۇق ئىجارىكەشلىكىنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغانلىقىنى، پارتىيە ئىنتىزامىغا، ھەتتا دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ. «ئاممىنىڭ يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئالماسلىق» پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، «ئومۇمنىڭ پۇلى ئومۇمغا تەۋە، بىر تىيىنمۇ قالايمىقان خەجلىمەسلىك كېرەك؛ ئومۇمنىڭ ھوقۇقى خەلققە تەۋە، قىلچىمۇ قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك» − يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، شۇڭا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئىدىيە جەھەتتىن خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماي، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇن-نىزام قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  مېخانىزمدا ئەستايىدىل بولۇپ قاتتىق قول بولۇش، جەرياندا «مىكرو چىرىكلىك»نى چەكلەش كېرەك. ۋۇخەن شەھىرى ۋاڭجى كوچا باشقارمىسى كەنت دەرىجىلىك مالىيەنى «بانكىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، 1000 يۈەندىن ئاشقان كەنت ئىشلىرى چىقىمىنى بانكا ئارقىلىق مېمورىئال قىلىشنى بېكىتتى. گۈيجۇ ئەنشۈن، خۇنەن ماياڭ قاتارلىق جايلار چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدىكى «ئۇچۇپ ئۆتكەن غازنىڭ پېيىنى يۇلۇۋېلىش»تەك چىرىكلىكنى تۈگەتتى. تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنىڭ بوش بولۇشى بەزى كىشىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. «مىكرو چىرىكلىك»نى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئۈچۈن، چوقۇم ئالاقىدار دېلولاردا ئاشكارىلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، مېخانىزم قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان نۇقسانلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ «ئادەم»، «ئىش»قا بولغان قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  نازارەت قىلىشتا ئەستايىدىل، قاتتىق قول بولۇش، «مىكرو چىرىكلىك» بايقالغان ھامان جازالاش كېرەك. «مىكرو چىرىكلىك»نى «مىكرو بىر تەرەپ قىلىش»قا بولمايدۇ. «مىكرو چىرىكلىك» مۇ چىرىكلىك، مەسىلە بولسا كۆرسىتىش، خاتالىق بولسا تۈزىتىش كېرەك، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش كېرەك، دېلونىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئاممىنىڭ سىغدۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى دەپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرى «كۆپ ئادەمنى جازالىماسلىق»، «ئۇششاق ئىشنى جازالىماسلىق» پوزىتسىيەسىدە بولسا بولمايدۇ. چىرىكلىك دېلولىرىغا قارىتا كىمگە چېتىلىشىدىن، ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىرغىچە تەكشۈرۈش، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. «يولۋاس»نى، «چىۋىن»نى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش كېرەك. «مىكرو چىرىكلىك»نى جازالاشتا كۆپلەپ كۆرۈلگەن «ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» ھادىسىسىگە قارىتا، بولۇپمۇ ئىنتىزام بىلەن قانۇننى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئارقىلىق نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «يولۋاس» بېشىنى چىقارغان ھامان ئۇرۇش، «چىۋىن» قالايمىقان ئۇچقان ھامان شاپىلاقلاش لازىم. 2019-يىلى 1- ئايدىن 11-ئايغىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 70 مىڭ 800 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 99 مىڭ ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 86 مىڭ 400 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 110 مىڭ ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى... بۇلتۇرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرى پارتىيەمىزنىڭ چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، چىرىكلەشكەنلەرنى قىلچە يول قويماي جازالاشتا چىڭ تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «يولۋاس بېقىپ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇش»قا بولمايدۇ، «چىۋىننى مەيلىگە قويۇۋېتىپ زىيانغا ئۇچراش»قىمۇ ھەم بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ