مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

2020.01.14 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئولتۇرغان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلاردىن چاغانلىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلىدى.

  يېڭى جۇڭگوغا مەدھىيە ئوقۇپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلايلى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى پېشقەدەم كادىرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئارىسىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ