شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، دېدى

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.01.14 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىكى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مىسلىسىز جۈرئەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر پەيدا قىلدۇق. بىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قىسىم ساھەلەردىكى پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇردۇق. بىز ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە-ئېتىقادىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرىش غايە-ئېتىقادىنى توختىماي مۇستەھكەملىدۇق. بىز «ئىككىنى قوغداش»تا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىيغا رەھبەرلىك قىلىش كۈچى، ئىدىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. بىز ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي تازىلاپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇردۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ