مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالاقە تورى ئەدەبىي يېزىقچىلىق مەھسۇلاتى كۈچلىرىنى قويۇۋېتىشكە پايدىلىق

2020.01.14 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  سۆھبەتلەشكۈچى: جاڭ شەنشەن (گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى)، شاۋ يەنجۈن (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 يىللىق تېز سۈرئەتلىك تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو تور ئەدەبىياتى 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇرمەنگە ئىگە غايەت زور مەدەنىيەت ساھەسىگە ئايلاندى ھەمدە نۇرغۇن ئەدەبىيات كەسىپلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. تور ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى، كەسىپكارلىرى ۋە ئىجادىيەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تور ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تور ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى ئۈستىدە ئورتاق مۇھاكىمە ئېلىپ بادى.

  مۇخبىر: 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو تور ئەدەبىياتى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سانى 432 مىليونغا، تور ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ سانى 15 مىليونغا يەتتى. بۇنداق كەڭ كۆلەملىك كىشىلەر توپى بىرلا ۋاقىتتا ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.

  شاۋ يەنجۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بولسا ئەدەبىي يېزىقچىلىق مەھسۇلاتى بويىچە بىر چوڭ دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ئەدەبىيات قابىلىيىتى ۋە ئەدەبىيات ئارزۇسى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ياخشى مېخانىزم بولۇش، ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئەدەبىيات ئۇرۇقىنى سۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ئۆستۈرۈپ يېتىلدۇرۇش، ھەمدە ئەۋلاد ئالماشتۇرغۇزۇش زۆرۈر. بىر دۆلەتنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قاراش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت مېخانىزمىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئاخشى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش لازىم. يېزىقچىلىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، بىزنىڭ ئەدەبىيات ژۇرناللىرى مېخانىزمىمىز ئىنتايىن قالتىس ئىدى، ئۇلاردا، يەنى يەرلىك ژۇرناللاردىن تارتىپ دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرناللارغىچە بولغان ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىدە نۇرغۇن ئەدەبىيات ياشلىرى قاتلاممۇ قاتلام تونۇشتۇرالاتتى. 50- يىللاردىن كېيىن ۋە 60- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ۋە ھازىر تەرەققى قىلىۋاتقان بەزى يازغۇچىلار پەقەت ئەينى يىللاردىكى ئەدەبىيات مېخانىزملىرى تەرىپىدىنلا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى ۋاقىتتا مۇنتىزىم تەربىيە سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولماستىن، بەلكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەنلەر. 2000- يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، تور ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىپ، بىر يۈرۈش يېڭى ئەدەبىي ئىجادىيەت مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە كۆمۈلۈپ ياتقان ئەدەبىيات ئۇرۇقلىرى يىلتىز تارتقۇزۇلۇپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  مۇخبىر: تور ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك ئىجادىيەت كۈچى بۇ يېڭى ئەدەبىي يېزىقچىلىق مېخانىزمىدىن كەلگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مېخانىزم ئۆز رولىنى زادى قانداق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى زادى قانداق قوزغىتىدۇ؟

  شاۋ يەنجۈن: بۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت كېرەك، يەنى ئۇ «مۇتلەق ئېھتىياج» ھېسابلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ تور ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. بۇ بىر تەرەپتىن «ئوقۇش» مەدەنىيىتىگە مۇھتاج، چۈنكى ئۇ مۇتلەق ئېھتىياجلارنىڭ بىرىدۇر. ئەدەبىياتتا ئوقۇرمەنلەرنى تەشۋىشتە قويۇپ ئويغا سالىدىغان ھېكايىلەر پۇقرالارنى داۋاملىق ئوقۇشقا يېتەكلەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈندىلىك ئەدەبىيات تۇرمۇشىدىكى ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىلەردە «يېزىش» مەدەنىيىتى بولۇشمۇ زۆرۈر، چۈنكى ئۇمۇ بىر «مۇتلەق ئېھتىياج» دۇر. نۇرغۇن كىشىلەردا كىچىك ۋاقتىدىلا يېزىقچىلىق ئارزۇسى بولىدۇ، لېكىن، يازغانلىرىنى ئېلان قىلىش ئۆلچىمى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى كېيىنچە داۋاملىق يېتىلەلمەي قالىدۇ. ئەمدى ئىنتېرنېت تورى بولسا، ئۇنداقلارنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان بىر سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

  ئەمدىكى تېما شۇكى، قانداق قىلغاندا ياخشى مېخانىزم بەرپا قىلىپ، تور ۋاسىتىلىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە ماسلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. تور ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشتا بىر نەچچە خىل ئەندىزى بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا» دېگەندەك ئەسەرلەرگە قارىتا ئەنئەنىۋى تەھرىرلەش-تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە، تور ئەدەبىياتى بىپايان دېڭىزغا ئوخشايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئەنئەنىۋى بىر يۈرۈش تەھرىرلەش-تەكشۈرۈش تۈزۈمى زور مىقداردىكى ماقالىلەرگە تاقابىل تۇرالمايتتى، شۇڭا، ئۇ خىل تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمىدى. كېيىن مۇنبەر ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى، مۇشۇ ئاساستا، بەزى تور بېكەتلىرىدە VIP سالاھىتى بولغانلار توردا ھەق ئېلىپ ئوقۇيدىغان بولۇش تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق، «پىرامىداسىمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى» بەرپا قىلىندى، نەتىجىدە، يېڭى يازغۇچىلار تور ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ساھەسىگە ئۈزلۈكسىز قەدەم قويدى. ئاپتورلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەدەبىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇنچە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئەدەبىياتتا يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار ھەر خىل كىشىلەر بۇ سىستېمىغا كىرىپ، بۇ سىستېمىنى بېيىتىشى مۇمكىن. يېزىقچىلىق ئارزۇسى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تور دەۋرى ياخشى بىر دەۋر، ھەر بىر ئادەم سىناپ باقسا بولىدۇ، ئالاقە تورى دەۋرىمىزدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىشكە پايدىلىقتۇر.

  مۇخبىر: بەزىلەر تور ئەدەبىياتى بولسا ئەنئەنىۋى ئاممىباب ئەدەبىياتنىڭ «تور نۇسخىسى» دۇر، ياكى «كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى»دۇر، دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دەپ تەبىر بېرىلسە، ئۇنداقتا تور ئەدەبىياتى يېڭى شەيئى ئەمەسمۇ؟

  شاۋ يەنجۈن: مەن تور ئەدەبىياتىنى «يېڭى ۋاسىتىلىك ئەدەبىيات» دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا مۇشۇنداق بىر تەبىر بېرىشكە مايىلمەن. ھازىر تور ئەدەبىياتى تىلغا ئېلىنسىلا، ھە دېگەندە ئۇنى ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات بىلەن سېلىشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ قالدى. لېكىن، بۇ يەردە بىر سۇئال بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات، دېگەن زادى نېمە؟ بۇ ئۇقۇم كۆپ ھاللاردا ناھايىتى ئابستراكت بىر ئۇقۇمدۇر. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر دەۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات بولسا، بىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قەغەز باسما مەدەنىيىتى ئاستىدىكى قەغەز ئەدەبىياتىدۇر. ئەگەر تۈرگە ئايرىشقا توغرا كەلسە، تور ئەدەبىياتىنىمۇ قەغەز ئەدەبىياتى ۋە باشقا ۋاسىتىلىك ئەدەبىياتلار بىلەن، مەسىلەن ئېغىز ئەدەبىياتى دېگەنلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.

  بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، تىپى بار رومانلار ئاممىۋى ئەدەبىياتنىڭ يېتەكچى شەكلىدۇر، لېكىن ئۇ خىل رومانلار تور ئەدەبىياتىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. ئەگەر تور ئەدەبىياتى پەقەت «ئاممىباب ئەدەبىياتنىڭ تور نۇسخىسى»دىنلا ئىبارەتتۇر، دەيدىغان ئۇقۇم ئاساس قىلىنسا، ئۇنداقتا تور ئەدەبىياتىنىڭ «يېڭى خاراكتېرى»گە ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. تور ئەدەبىياتى ھەرگىزمۇ توردا ئېلان قىلىنىدىغان ۋە تارقىتىلىدىغان بارلىق ئەدەبىياتنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ توردا ئىجاد قىلىنىدىغان ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ. تور ئەدەبىياتى بىر خىل يېڭى ۋاسىتىلىك ئەدەبىيات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تور خاراكتېرىنى تېخىمۇ تەكىتلەش كېرەك، ئۇنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنى ئۇنى ئەنئەنىۋى قەغەز ئەدەبىياتىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ بۇ خىل تور خاراكتېرىنىڭ كۆپ خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بار بولۇپ، ئۇ يەنە تېخى تاماملانمىغان ۋە تولۇق نامايان قىلىنمىغان تور خاراكتېرىگە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ