شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار بىلەن چاغاننى كۈتۈۋالدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار، بىرلىكسەپنىڭ بارلىق ئەزالىرى قاتارلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغان بايرىمىنى مۇبارەكلىدى

2020.01.15 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنىڭ چاشقان يىلىدىكى چاغان بايرىمى بيېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋە بىرلىكسەپنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغان بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ