لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى

خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى

2020.01.15 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ پىكىر ئېلىشنى قارار قىلدى ھەم 1-پەسىللىك خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىشى، خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇھىم ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ياخشى تەييارلاپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، جەمئىيەت ۋە بازارنىڭ تومۇرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئامما ۋە كارخانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا قاراتمىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىلدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى سىجىل ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملىدى. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىنىپ، تەرەققىيات سۈپىتى مۇقىم قەدەمدە ئۆسۈپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا يەتتە يىل 13 مىليون كىشىدىن ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلاندى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ساقلانغان مەسىلىلەرنى، كەمچىلىك ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ