مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەش بولدى

2020.01.17 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ۋاقتى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15- كۈنى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 1- باسقۇچلۇق ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ئامېرىكىدا رەسمىي ئىمزالاندى، 200دىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندا بۇنىڭغا شاھىت بولدى. ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك بولغان ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ۋە ئۇزاققىچە داۋاملاشقان ئالقىش سادالىرى «سودا جېڭىنى توختىتىش»نىڭ پايدىلىق سىگنالىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. كىشىلەر ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا، بۇ، مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەت ھەل قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ بېسىلغان يەنە بىر قەدەم بولدى، بۇ ھەم شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولغان بىر قەدەمدۇر، دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.

  كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا 1- باسقۇچلۇق ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ھۆججىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى جاكارلانغان چاغدا، خەلقئارا بازارلاردا بىر قاتار ئىجابىي ئىنكاسلار پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ خىل ئىنكاسلار دەل ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى ۋە بازارلىرىنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئامېرىكا شۇ چاغدا دەرھال باھا بېرىپ: «بۇ بەلكىم سودا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئېسىدە شۇلار تېخىمۇ ياخشى ساقلانغان بولۇشى كېرەككى، خەلقئارا بازارلارنى ئىلگىرى قانداق بىر كەيپىيات قاپلىغان ئىدى؟ 2019- يىلى 10- ئايدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا شۇ چاغدا شائىر پۇشكىننىڭ «يېتىپ كېلىپ كۈزكى سوغۇق، مۇز قاپلاقسىز ھېچقەيەر يوق.» دېگەن شېئىرىي مىسرالىرى ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سوغۇق مەنزىرىسىنى تەسۋىرلىگەن ئىدى. ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بۇ ئىككى خىل مەنزىرىنى سېلىشتۇرغاندا، گېئورگىيېۋانىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «قۇدرەتلىك سودا كېلىشىمى» ھاسىل قىلغانلىقىنى نېمە ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىگەنلىكىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئادەتتىن تاشقىرى مۇشەققەتلىك بولغان بىر يولنى بېسىپ ئۆتتى. نۇرغۇن قېتىملىق بوران-چاپقۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇردى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەشكەن بۇ نەزەر دائىرىسى تەشۋىشكە تولغان ئىدى، كىشىلەرنىڭ ھەمىشە دۇنيا ئىقتىسادىدا پەيدا بولغان ئېنىقسىزلىق تۇيغۇسى بىلەن تەشۋىش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. شۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل خائىشىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەيلى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى بولسۇن ياكى باشقا دۆلەت ۋە رايون خەلقى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇنيانىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ ياخشى ئايلىنىشقا قاراپ مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھالدا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش دولقۇنىنىڭ كىشىلەرنى دۇنيانىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ۋەزىيىتىگە قانداق ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىش بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى سىنايدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات باسقۇچى قاتارلىقلار جەھەتلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان پەرقلەر مەۋجۇت بولغاچقا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ساقلانغان پەرقلىرىگە ئوبيېكتىپ ۋە ئاقىلانە يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشلىرى، بىر-بىرىنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ۋە ئورتاق ئىلگىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىگە دىيالېكتىكىلىق يوسۇندا پىكىر يۈرگۈزۈشلىرى، پەقەت ئۆزئارا ھەمكارلىقلا ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ قائىدىنى چۇڭقۇر تونۇپ يېتىشلىرى ۋە ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يوللىرىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئېچىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك نەزەردە ۋە ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل-پاراسەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشلىرى زۆرۈر. 2018- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، يەتتە قېتىم تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، پىرىنسىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر 13 قېتىم كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باشلامچىلىرى يەنە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى بىلەن 20 نەچچە قېتىم سۆزلەشتى. ئادەتتىن تاشقىرى جاپا-مۇشەققەتلىك يوللارنى يۈرۈش جەريانىدا، بوران-چاپقۇنلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىسىمۇ، جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئەقلىنى ساقلاپ، سوغۇققان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە دۇنيا سودا تەرتىپى ئومۇمىيىتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتەك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەڭ زور سەۋرچانلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش ۋە پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگو-ئامېرىكا 1- باسقۇچلۇق ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى گەۋدىلەندۈردى، ئۇ، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش كېلىشىمى بولدى. كېلىشىم ھاسىل قىلىش پاكىتى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش بولسا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي ئېقىمدۇر، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر قارشى تەرەپتىكى دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئىلگىرىلەش داۋامىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ. كېلىشىمدىكى پۈتۈمگە رىئايە قىلىش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە يەر شارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇقىم كۆزلىمە يارىتىدۇ، بۇ ھەم شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئىستېمالچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ