مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن بىز قانداق مۇداپىئەلىنىشىمىز كېرەك؟

2020.01.21 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆپكە ياللۇغلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، يېقىندا دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى، ھەمدە خۇبېي ۋە ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دوكلات ئېلان قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسSARS ۋىرۇسى ياكى MERS ۋىرۇسى ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋىرۇسنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىش ئىقتىدارى ۋە كېسەل پەيدا قىلىش ئىقتىدارى SARSقا قارىغاندا ئاجىز ئىكەن، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئۇنداقتا، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن بىز قانداق مۇداپىئەلىنىشىمىز كېرەك؟ جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، كىشىلەر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى تۆت جەھەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن:

  بىرىنچىسى، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار ئاستىدا، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. يەنى، يېمەكلىكنى تەييارلاشتىن بۇرۇن، تەييارلاش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن؛ يۆتەلگەن ياكى چۈشكۈرگەندىن كېيىن؛ بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا؛ تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن؛ قول مەينەت بولغاندا؛ ھايۋاناتلارنى ياكى ھايۋانات چىقىرىندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن دېگەندەك يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھۋاللار ئاستىدا، دەرھال سوپۇندا ياكى ئىسپىرت تەركىبى بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا ۋە سۇ بىلەن قولنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىسى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئە كۆرۈش كېرەك. يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە، ئالدى بىلەن قەغەز، يەڭ ياكى جەينەك بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى پۈتۈنلەي ئېتىۋېلىپ تۇرۇپ ئاندىن يۆتىلىش ياكى چۈشكۈرۈش كېرەك، ھەمدە ئىشلەتكەن قەغەزنى دەرھال يېپىق ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن قولنى يۇيۇۋېتىش كېرەك. كىشىلەر توپى زىچ بولغان ۋە يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى ئاسان بولغان ئامىمىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ماسكا تاقىۋېلىپ يۈرۈپ كېسەل بىلەن ئۇچرىشىش خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك. مۇداپىئەسىز ئەھۋال ئاستىدا بىمار بىلەن قويۇق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، كۆز، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىقلارغا قولنى تەگكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلىدىكى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى دېرىزىلەرنى پات-پات ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇھىتنىڭ پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىسى، قويۇق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇداپىئەسىز ئەھۋال ئاستىدا باقمىچىلىق ياكى ياۋايى ھايۋانلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ كېسەل بولۇپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشى ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن گۆش بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ بازاردىكى ھايۋانلار، ئەخلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  تۆتىنچىسى، ياخشى ۋە بىخەتەر بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. گۆش بىلەن تۇخۇمنى تولۇق پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، خام يېمەكلىك بىلەن پىششىق يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، كۆكتات توغراش تاختىسى ۋە تىغلىق سايمانلارنى ئايرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ