مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2020-يىللىق «جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2020.01.23 11:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 2020-يىللىق «جۇڭگو- ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى» نىڭ ئىتالىيەنىڭ رىمدا باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمكى يىپەك يولى تۈمەن چاقىرىملار يىراقلىقتىكى جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرغان؛ بۈگۈن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىزنىڭ مىڭ يىللىق دوستلۇق ئالاقىمىزنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مول مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىغا ئىگە. جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت، يېڭى دەۋر سۆھبىتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئورتاق تەسۋىرلەپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ