مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدامچىلىق شەكلىدىكى تەربىيىلەشلەر تايىنىپ ياشايدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش لازىم

2020.01.23 11:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ رۈيئەن شەھىرى رايونىدا بىر خىل «يىپيېڭى ھاياتلىق داۋالاش دەرسى» پەيدا بولغان، بۇ دەرسنىڭ مەسئۇلى يىپيېڭى «قەلب بىلەن تەبىئىي داۋالاش» ئارقىلىق ھازىرقى زامان تېببىي چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق جاھىل كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، دەپ جار سالغان. يېقىندا ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قىلمىشنىڭ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، رۈيئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بۇ خىل ئاتالمىش «قەلب بىلەن تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلى» ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ئەمەس، بۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاز كۆرۈلگەن ئەمەس. 18- ئەسىردە ئاۋسترىيەلىك دوختۇر مەسمېر «ھايۋانات ماگنىتلىق داۋالاش»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پارىژدا ئالدامچىلىق شەكلىدە كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان، پەقەت بىلىكىنى پۇلاڭلاتسىلا، بىمار داۋالاشنىڭ «ئېنېرگىيەسى»نى ھېس قىلالايدۇ، كېسىلىمۇ ساقىيىدۇ، دەپ جار سالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل «ئېنېرگىيە بىلەن داۋالاپ ساقايتىش كۇرسى» دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى، گەرچە كۆپ قىسمىنىڭ باھاسى ئەرزان بولمىسىمۇ، لېكىن «داۋالاش مۇلازىمىتى» دېگەن نىقاب ئاستىدا سودىسى يەنىلا «روناق تاپتى»، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئالدىنىپ قالدى. «قەلب بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى»نىڭ قۇتراۋاتقىنىغا نەچچە يۈز يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىلمىي بىلىشنىڭ سىرتىدا لەيلەپ يۈرمەكتە. نەچچە ئەسىر ئىلگىرى، بەزى داڭلىق ئالىملار ئاتالمىش «ھايۋانات ماگنىتلىق داۋالاش» ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق ئىكەنلىكى، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ پەقەتلا كېسەللىكنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىشى ياكى بىمارنىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دۆلەت ئىچىدە بىر مەھەل كۆپ جايلارغا سېتىلغان، جەمئىي 10 مىڭ ئادەم قېتىم قاتناشقان «گولوگرافىك ئېنېرگىيە ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتىش بويىچە تەربىيەلەش»كە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ خىل تەربىيەلەشكە ئاسانلىقچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ئالدامچىلىق شەكلىدىكى تەربىيەلەش جەمئىيەتتە بەلگىلىك جاھىللىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا تايىنىدىغان تۇپراق كەم ئەمەس. ئاشكارا پاش قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خىل تەربىيەلەش گەرچە ئاممىنىڭ نەزىرىدىن بىر مەھەل يوقالغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا بۇ خىل «يىپيېڭى ھاياتلىق داۋالاش دەرسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئالدامچىلىق شەكلىدىكى تەربىيەلەش يەنە بىر قېتىم قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، تۇيۇقسىز جامائەتنىڭ نەزىرىگە بۆسۈپ كىردى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل ئالدامچىلىق شەكلىدىكى تەربىيەلەش «قەيسەر ھەم تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ»كە ئىگە — جامائەتنىڭ نەزەر دائىرىسى ئۇچرىشىش تەس بولغان جايلاردا، ئالدامچىلىق مەقسەت قىلىنغان بۇنداق تەربىيەلەش سىنىپلىرىدىن زادى قانچىسى يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوخشاش بولمىغان نىقابلار بىلەن، ئىلىم-پەن ساۋاتلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتنى ئالداۋاتقاندۇ؟

  بىر قىزىقارلىق ھادىسە شۇكى، گەرچە «قەلب بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن «ئۇستاز»لارنىڭ ئىلىم- پەنگە، ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىغا قارشى پوزىتسىيەسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بىردەك. ئەمەلىيەتتە، «ئۇستاز» لارنىڭ قارشى تۇرىدىغىنى ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئۇقۇمى ئەمەس، ئۇلار پەقەت ھازىرقى زامان مېدىتسىنا سىستېمىسىغا ياكى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، دەلىللەش مېدىتسىناسى ئاساسىغا قۇرۇلغان زامانىۋى داۋالاش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرىدۇ. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، «ئۇستاز»لار ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ نوپۇزلۇق ئوبراز يارىتىپ، پىسخىكىلىق گىپنوز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن دەلىللەش مېدىتسىناسىنىڭ تەلىپى بويىچە نەزەرىيە تىرىكى ۋە تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. گەرچە «قەلب بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» قارىماققا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر خىل «مەدداھ»لارنىڭ «ئالدامچىلىق سۆزلىرى» بىلەن تولغان — گۇمان قىلغانلارغا نىسبەتەن، «ئۇستاز»لار سىزنى «ئىشەنمىگەنلەرنى داۋالىمايمەن» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلارغا قارىتا، «ئۇستاز»لار سىزگە «قەلبىڭىز سەمىمىي بولغاندىلا ئۈنۈمى بار بولىدۇ» دەيدۇ. قىسقىسى، ماڭا ئىشەنسىڭىز خاتالاشمايسىز، دېيىشىدۇ.

  رۇيئەن شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ئالدامچىلىقنى پاش قىلىپ، «ئىلمىي ئاساسى قېنى؟» دېدى. لېكىن، ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ «ئۇستاز» بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىستەيدىغان كىشىلەر كۆپ ھاللاردا بۇ مەسىلىنى سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ بۇ مەسىلىنى سوراشقا جۈرئەت قىلغانلار كۆپ ھاللاردا «ئۇستاز» بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ.

  ھەرقانداق تېببىي داۋالاش ئۇسۇلىنى كلىنىكىدا قوللىنىشتا چوقۇم دەلىللەش مېدىتسىناسىنىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي دەلىللەشكە بەرداشلىق بېرىش كېرەك. «ئۇستاز»لار بىلەن «ئالدامچى» بىر تەڭگە پۇلنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئايلىنىپ قالسا، «قەلبنى تەربىيەلەش» بىلەن «ئالدامچىلىق» ناھايىتى يېقىنلىشىپ قالىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئامما ئىلىم-پەن ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار تارماقلارمۇ ھەر خىل «قەلبنى تەربىيەلەش سىنىپى»نى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بۇ پائالىيەتلەر مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتا تايىنىدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ