مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇمىي خەلق «يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلىش»نىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

‐‐‐ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدا

2020.02.03 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا ماڭماقتا، داۋالاش خادىملىرى كېچە- كۈندۈز ئالدىراش ئىشلىمەكتە، ئالاقىدار كارخانا ۋە ئاپپاراتلار ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلماقتا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بەرمەكتە، كەڭ خەلق ئاممىسى شەخسىي تازىلىق مۇھاپىزىتىنى پائال ياخشى ئىشلىمەكتە... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇشتا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

  يۇقۇم ئالدىدا، بىز ھەم تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھەم مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى. ئومۇمىي خەلق يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلىش»تا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممە ئادەم كۈرەش قىلغۇچىلاردۇر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمى ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىغا باغلىق، شۇنداقلا ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىدىن كېلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولۇشى ‐‐‐ دەل باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇشتۇر.

  ئەلپازى يامان يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىلمىي، ئەقلىي بولۇش كەم بولسا بولمايدىغان «ۋاكسىنا»دۇر، ياخشى ئادەت ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە ھېسابلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم قول يۇيۇش، كۆپرەك شامال ئۆتۈشتۈرۈش، ماسكا تاقاش، توپلاشماسلىق، سىرتقا ئاز چىقىش، قايتىش يولىدا، ئىش ئورنىغا قايتىش خىزمىتىدە سەھىيە مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىپ، ھەممە ئادەم يۇقۇم مەنبەسىنى توسۇشقا قاتناشقۇچى بولغاندىلا، ئاندىن «كىچىك ئادەت» ئارقىلىق «چوڭ ساغلاملىق»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىمار بىلەن قويۇق ئۇچراشقاندا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملار قوللانغان ئايرىۋېتىش، داۋالاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىگە پائال ماسلىشىش لازىم. يۇقۇم ئەھۋالى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كەسكىن بولماقتا، مېڭىنى تېخىمۇ سەگەك تۇتۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلىم-پەننىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ، پىتنە- ئىغۋا توقۇماي، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاقىلانىلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئورتاق بەرپا قىلىش ‐‐‐ دەل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە بولغان ئەڭ چوڭ قوللاشتۇر.

  بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش ‐‐ يۇقۇم ئەھۋالىنى يېڭىشتىكى ھالقىلىق تەدبىر. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تورىنى پۇختا، زىچ باغلاش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ياخشى ئىشلىتىشتە چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ. نۆۋەتتە، نۇرغۇن شەھەرلەردىكى مەھەللىلەر ئالا قويماي ئىز قوغلاش، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى؛ كەڭ يېزىلاردا ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە سىياسەت- تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان «چوڭ كاناي» چېلىندى، «يەرلىك پۇراق» كۈچلۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش شوئارلىرى ئېسىلدى، يۇرتداشلار ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولدى. خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشتىن ئىبارەت پولات ئىستىھكام قۇرغىلى بولىدۇ.

  ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ دەل بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقان كۈچتۇر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگىچە، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىغىچە، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغىچە، ئۆيدە تۇرۇپ كۆزەتكۈچىلەردىن ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشلىگۈچىلەرگىچە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيتى ئېغىر. ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشقاندىلا، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشتەك ئۇلۇغ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ