مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «قەيسەر جەڭچىلەر 6-ليەنى»دىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يازدى

ئۇلارنى «قەيسەر جەڭچى روھى»نى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى

2020.01.20 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 74-جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈيىنىڭ «قەيسەر جەڭچىلەر 6-ليەنى»دىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى جاپالىق چېنىقتۇرۇپ، «قەيسەر جەڭچى روھى»نى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «قەيسەر جەڭچىلەر 6-ليەنى»دىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. 2004-يىلى، مەن ليەندۈيگە ئالايىتەن سىلەرنى يوقلىغىلى بارغانىدىم. سىلەرنىڭ قوشۇن يۆتكىگەندىن كېيىن شانلىق ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى نەتىجە ۋە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

  ئاساسىي قاتلام قىسىمنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچىنىڭ ئۇلى. سىلەرنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، «قەيسەر جەڭچى روھى»نى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چاغان كېلەي دەپ قالدى، سىلەر ۋە ئائىلەڭلاردىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە گۈزەل بەخت تىلەيمەن.

  شى جىنپىڭ

  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

  «قەيسەر جەڭچىلەر 6-ليەنى» شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە قەھرىمان ليەندۈي. 1964-يىلى، بۇ ليەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «قەيسەر جەڭچىلەر 6-ليەنى» دەپ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە رىشتە باغلاپ، «قەيسەر جەڭچىلەر 6-ليەنى»گە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2004-يىلى، شى جىنپىڭ مەخسۇس ليەندۈيگە نام بېرىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ليەندۈيدىكىلەرنى سەمىمىي يوقلىغان ئىدى. 2014-يىلى گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭ ليەندۈينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يېتەكچىسىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا، «قەيسەر ئەسكەرلەر 6-ليەنى»دىكى پۈتۈن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇن يۆتكەلگەندىن بۇيانقى خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىدىن دوكلات بېرىپ، رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلاشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ